پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان ۋە چوڭچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما جىن بولسا ئوتتىن يارتىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ تەنتەك، بۇزغۇنچى ۋە تاجاۋۇزچى دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقى، ئادەم بولسا سىلەرگە بايان قىلىنغاندەك، چەكسە جاراڭلايدىغان ساپالدەك قۇرۇق لايدىن يارتىلغان. چۈنكى توپا لايغا ئايلانغاندىن كېيىن ئاندىن ساپال بولىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى سۈپەتلىك لايدىن يارىتىلغان