ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن، بىر ئىش يۈز بىرىدۇ دېگەن ئاساستا ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا سۆيۈملۈكراق. بۇ يەردە ئاللاھ نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىشنى مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچىشتىن ئەۋزەل كۆردى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشتا گۈزەل تەۋھىد ئەقىدىسى بولغان، گەرچە ئۇ يالغانچىلىق بولسىمۇ، ئەمما مەخلۇق بىلەن قەسەم قىلىش راسچىللىق پەزىلىتى بىلەن ناچار شېرىك ئەقىدىسى بار. تەۋھىد ئەقىدىسى راسچىللىق پەزىلىتىدىن يۇقىرى ۋە بۈيۈكتۇر. يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى شېرىك ئەقىدىنىڭ گۇناھىدىن تۆۋەن ۋە يەڭگىلدۇر