پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئادىتىدە، جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە سەجدىنى تولۇق ئوقۇيتتى، ئىككىنچى رەكئىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە ئىنساننى تولۇق ئوقۇيتتى، بۇ ئىككى سۈرىنىڭ مەنىلىرىدە جۈمە كۈنىدە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بىرىدىغان چوڭ ۋەقەلىكلەر، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىش، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، مەھشەرگاھقا يىغىلىش، قىيامەتنىڭ ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى مۇسۇلمانلارغا ئەسلىتەتتى