ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن تېرىشىپ، سىلەرنىڭ سۈننەتكە ئەگىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ناماز ئوقۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇپ بېرىمەن» دەيتتى، سابىت ئەلبۇنانى مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى تاماملاش ۋە چىرايلىق شەكىلدە ئادا قىلىشتا، سىلەر قىلمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، نامازدا رۇكۇدىن كېيىن ئۇزاق تۇرىدۇ، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئۇزاق ئولتۇرىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تىك تۇرسا كىشى: «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالىدۇ، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرسا: «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالىدۇ