ئەھزاب ئۇرۇشى بولغاندا، قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك كولىدى، مۇسۇلمانلارغا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئەھدىنى بۇزۇپ، قۇرەيشلەر بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا پۈتۈشكەنلىك خەۋىرى كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام: ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى مەن ئۇقۇشۇپ كىلەي،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر قىتىم: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير: مەن، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇ ۋاقىتتا: «ھەقىقەتەن ھەر پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ياردەمچىم زۇبەير» دېدى