پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە بىر تال ئۈزۈك ياساتقان، ئۈزۈكنى سالغاندا ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنى تەرەپكە قىلىپ سالاتتى، ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېين ساھابىلەرگە كۆرسۈتۈش ئۈچۈن مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنىم تەرىپىگە قىلىپ سالاتتىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەمدى بۇ ئۈزۈكنى سالمايمەن، دەپ تاشلىۋەتتى. بۇ ئىش ئەرلەرگە ئالتۇن ئۈزۈك ھارام قىلىنغاندىن كېيىنلا بولغان. ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگەشكەن جەھەتتىن ئۈزۈكلىرىنى تاشلىۋەتتى