ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېپەك كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن پەقەت مۇنچىلىك بولغىنىنى مۇستەسنا قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى بارمىقىنى يەنى: كۆرسەتكۈچ بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆتۈردى. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى، دەپ رىۋايەت قىلدى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرنى يىپەك كىيىم كىيىشتىن ئۆزى مۇستەسنا قىلىنغان مىقداردىن باشقىسىنى چەكلىدى. بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە مۇستەسنا قىلىنغىنى، ئىككى بارماق مىقدارىدۇر. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئۈچ ياكى تۆت بارماق دەپ كەلگەن. ئەڭ كۆپ كەلگىنىنى ئالساق بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا كىيىمدە يىپەكنىڭ نىسبىتى تۆت بارماق مىقدارىغىچە بولسا ھېچقىسى يوق. تەئسىسۇل ئەھكامغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن