بۇ ھەدىستە خەۋپ نامىزىنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان، دۈشمەن قىبلە تەرەپكە ئورۇنلاشقان ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشۇننى ئىككىگە بۆلگەن، بىر قىسمى ئالدى سەپ، يەنە بىر قىسىمى ئارقا سەپ بولۈپ تۇرغان، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا نامازنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ھەممەيلەن تەكبىر، قىرائەت، رۇكۇ ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈشنى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە قىلىدۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھ سەجدىگە بارغاندا بىرىنچى سەپ بىللە سەجدىگە بارغان، سەجدىدىن ئىككىنچى رەكەتكە تۇرغاندا، قاراۋۇللۇقتا تۇرغان ئارقا سەپتىكىلەر سەجدىگە بارغان، ئۇلار سەجدىدىن تۇرغاندا، بىرىنچى سەپتىكىلەر پۈتكۈل نامازدا ئورنىدا تۇرۇۋالماي، ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ئارقىدىكى سەپ ئالدىغا، ئالدىدىكى سەپ ئارقىغا ئالماشقان، ئىككىنچى رەكەتتىمۇ ئاۋالقى رەكەتتىكىگە ئوخشاش قىلىپ، ئاندىن بىرلىكتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە سالام بەرگەن. بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان خەۋپ نامىزىنىڭ تەپسىلاتى، دۈشمەن قىبلە تەرەپتە بولغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى شارائىتىغا ئۇيغۇن، ئۇلار قىيامدا ياكى رۇكۇدا دۈشمەننى كۆرەپ تۇرىدۇ، ئارقىدىن باستۇرما قوشۇننىڭ كېلىشىدىن ئەمىن بولىدۇ