پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ساھابىلىرى بىلەن بىر غازاتقا چىقتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پىيادە ئىدى، ئۇلار يالاڭ ئاياق يۈرۈشتىن چارچاپ، پۇتلىرىغا لاتا يۆگىۋالدى. بۇ ئەسنادا دۈشمەن بىلەن ئۇچراشتى، بۇ قېتىمقىسى تېخى رەسمى ئۇرۇش ئەمەستى، بەلكى مۇسۇلمانلار دۈشمەنلەرنى قورقۇتۇپ قويغانتى. بۇ ھەدىستە، دۈشمەنلەر قىبلە تەرەپتە ئەمەس ئېدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى مەدىنىنىڭ شەرقى تەرەپتە ئېدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلدى. ئۇلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسى سەپ تۈزۈپ تۇردى، يەنە بىرسى دۈشمەننىڭ ئالدىدا تۇردى، بۇ ئەھۋالدا دۈشمەنلەر نامازدا تۇرغانلارنىڭ ئارقىسىغا ئۇدۇل كېلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن تۇرغانلارغا ئىمام بولۇپ بىر رەكئەت ئوقۇدى. ئاندىن قىيامدا ئۇزۇن تۇرىۋەردى، بۇلار ئۆزلىرى نامازلىرىنى تاماملاپ سالام بېرىپ ئاندىن دۈشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ تىزىلىپ تۇردى. يەنە بىر گۇرۇپپا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلار بىلەن قېپقالغان يەنە بىر رەكئەتنى ئوقۇدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن ئولتۇردى، بۇلار ئۆزلىرى نامىزىنىڭ چالا قالغان (باشتىكى) رەكئىتىنى تاماملىدى، ئاندىن پەيغەمبىرىمىز بۇلارغا ئىمام بولۇپ سالام بەردى. شۇنداق قىلىپ باشتىكىلەر ئىمام بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نامازنى باشلاشقا يەنى تەكبىرەتۇل ئىھرامغا خاس بولغان بولسا، كېيىنكىلەر بۇ ئىمام بىلەن نامازنى تۈگىتىپ سالام بېرىش مۇشەررەپ بولدى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، دۇشمەننىڭ ناماز ۋاقتىدا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىدىن ساقلىنىشبىلەن بىرگە، نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇغاننىڭ پەزىلىتىنى ھاسىل قىلدى