ئەبۇ ئەمرۇ ئىبنى ھەپسە ئايالى پاتىمە بىنتى قەيىسنى يانغىلى بولمايلىدىغان تۈردىكى تالاقنى قىلدى، بۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تالىقى ئېدى. يانغىلى بولمايدىغان تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ نەپىقىسى ئېرىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولمايتتى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا ئارپا ئەۋەتتى، شۇڭا ئۇ ئايال ئىددەت ئىچىدىلا بولسا ئۆزىگە نەپەقە ۋاجىپ بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدى. شۇڭا ئۇ ئارپىنى ئاز كۆرۈپ ياقتۇرمىدى. ۋەكىل قەسەم قىلىپ: ئۇ ئايالغا ئارپىدىن باشقا ھېچنەرسە بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە شىكايەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ ئەرنىڭ ئۈستىگە نەپىقە، ھەتتا تۇرىدىغان جاينى تەمىن قىلىشىمۇ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئايالنى ئۇممۇ شەرىكنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىنىڭ كۆپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغاندا، ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما بولغاچقا يېنىدا كىيىمىنى سالالايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ ئۆيدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى. ئىددىتى توشقاندا رەسۇلۇللاھقا خەۋەر بېرىشنى تاپىلىدى. ئىددىتى توشقاندا ئۇ ئايالغا، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان ۋە ئەبۇ جەھىم تەلەپ قويغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سالدى، مەسلىھەت سورىغان ئادەمگە مەسلىھەت بېرىش ۋاجىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىسىنىڭ ھېچقايسىسىنى ياخشى دېمىدى. چۈنكى ئەبۇ جەھىم ئاياللارغا قاتتىق قول، مۇئاۋىيە بولسا پۇلى يوق نامرات ئىدى، شۇڭا ئۇ ئايالنى ئۇسامە بىلەن توي قىلىشقا بۇيرىدى، ئەمما ئۇنىڭ قۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇرمىدى، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاياتىدا كۆپ ياخشىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى