يەمەنلىك ساھابى پەيرۇز دەيلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندا ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئاچا-سېڭىل ئىدى، ئىسلامدىن بۇرۇن ئۇلار ئاچا-سېڭىل بىلەن بىراقلا توي قىلىشنى ئەيىپ دەپ قارىمايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئايالى بولىش ئۈچۈن ئىككىسىدىن بىرىنى تاللىۋىلىپ، يەنە بىرىنى تالاق قىلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئىسلامدا ئىككى ئاچا-سېڭىلنى نىكاھىدا بىللە تۇتۇش توغرا بولمايدۇ