ئازراق بولسىمۇ بىر قۇلغا ياكى بىر دېدەككە شېرىك بولغان كىشى ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىقتىسادى بولسا، شېرىكلىرىگە قۇلنىڭ قالغان ھەسسىسىنى بېرىشكە قادىر بولسا، قۇلنىڭ نەرقىنى بازار بويىچە ھېسابلاپ شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ، ئۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ئازاد قىلىۋەتسۇن، ئەگەر ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىسە شېرىكىگە زىيان يەتكۈزمەستىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئازاد قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسۇن، شېرىكىنىڭ ھەسسىسىدە قۇللۇق ھالىتىدە قالىدۇ