بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى ئۆزىنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان يېقىن تۇغقانلىرىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇ تۇغقىنى شۇ كىشىنىڭ ئىگە بولىشى بىلەنلا ھۆر بولىدۇ. بىر كىشى ئۆزىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى ھەمشىرىسى ياكى تاغىسى ياكى ھاممىسى ياكى باشقا يېقىن تۇغقانلىرىغا ئۇلارنى سېتىۋېلىش ياكى ھەدىيە ئېلىش ياكى غەنىمەت ئېلىش ياكى مىراس ئېلىش بىلەن ئىگە بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئۇلارنى دەرھال ئازاد قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ دېگەننى بايان قىلىپ بېرىدۇ