سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا:«سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىڭنى شەرت قىلىپ، سېنى ئازات قىلىمەن» دېدى، مەن: «ماڭا شەرت قىلمىسىلىمۇ دۇنيادا ياشىغان مۇددىتىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلمايمەن» دېدىم، ئۇ شەرت قىلىپ، مېنى ئازات قىلدى ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە سەفىينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ھاياتلىقىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىش شەرتى بىلەن ئۇنى ئازات قىلغانلىقىنى، ئۇ: شەرت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ھاياتلا بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىز ئايرىلمايدىغانلىقىنى، بېلدۈرگەندە، ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) شەرت قىلىپ، ئازات قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، ھەدىستە قۇل ئازات قىلىشتا شەرت قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار