ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، بىرسى ئۇنىڭدىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايتقاندا قانداق ماڭاتتى؟ دەپ سورىدى، ئۇسامە: «ئالدىرىماي ماڭاتتى، كىشىلەر ئاز جايلاردا تىز ماڭاتتى» دېدى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايىتقاندا ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ بىرگە قايىتقان ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ماڭغانلىقىنى ياخشىراق بىلەتتى، ئۇنىڭدىن بۇ توغرۇلۇق سورالغاندا ئۇ: «ئادەم كۆپ جايلاردا كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىرىماي ماڭاتتى، ئادەم يوق جايلاردا ئىتتىك ماڭسىمۇ ئەزىيەت بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن سەل تىز ماڭاتتى» دېدى