پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلغاچ كەبە ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ۋىدالىشىش ھەججىنى قىلغىلى، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ رىسالىتىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئۇلارنى گۇۋاھچى قىلغىلى، مەدىنە ئەھلىنىڭ مىيقاتىغا چىققاندا، ئۆمرە بىلەن ھەجگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى. ئۇ ۋاقىتتا ھەج قىران قىلغان ئىدى، ھەج قىران دېگەنمۇ بىر تەرەپتىن ھەج تەمەتتۇئقا ئوخشايتتى. كىشىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەج تەمەتتۇئ قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ھەج ۋە ئۆمرە ئىككىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى (ھەج قىران) ۋە بەزىسى ئۆمرە تۈگەتكەندىن كېيىن ھەج قىلىشقا قايتا ئېھرام باغلاش نىيىتى بىلەن ئۆمرىگىلا ئېھرام باغلىدى (ھەج تەمەتتۇئ) ۋە بەزىسى پەقەت ھەجگىلا ئېھرام باغلىدى(ھەج ئىفراد). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇشۇ ئۈچ خىل پائالىيەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارلىق بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بەزى ساھابىلار قۇربانلىقلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلدى. بەزىلەر ئۇنداق قىلمىدى. ئۇلار مەككىگە يېقىن كەلگەندە، ھەج ئىفراد، ۋە ھەج قىران قىلغان ئەمما قۇربانلىق مال ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى، بۇ ئېھراملىرىنى بۇزۇپ پەقەت ئۆمرىگىلا نىيەت قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلارغا ئۆمرىدىن كېيىنلا چاچلىرىنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىشلىرىنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە ھەجگە ئايرىم ئېھرام باغلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر سەپەردە ئىككى ئىبادەتنى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. قۇربانلىق تاپالمىغانلار ئون كۈن روزا تۇتۇشى لازىم بولۇپ، ھەج كۈنلىرى ئۈچ كۈن تۇتىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. ۋە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈننى تولۇقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ھامان كەبىنى تاۋاپ قىلدى، تاۋاپ باشلاشتىن بۇرۇن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىلىدى، بۇ كەبىگە كېلىش تاۋىپى بولغاچقا تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ، ۋە تۆت قېتىملىقىنى نورمال مېڭىپ قىلدى. تاۋاپ تۈگىگەندە ماقامى ئىبراھىمنىڭ قېشىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ساپا-مەرۋەگە كېلىپ، ئۇ يەرنى يەتتە قېتىم ماڭدى. ئىككى بەلگىنىڭ ئوتتۇرىدا يۈگۈرۈپ، باشقا يەردە نورمال ماڭدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ھەتتا ھەج تۈگەپ، قۇربانلىق كۈنى مال بوغۇزلاپ بولغىچە ئېھرامدىن چىقمىدى. ھەجنى تۈگىتىپ، قۇربانلىقىنى بوغۇزلاپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ ۋە بىرىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندا، ئېھرامدىن كىچىك چىقىش بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى چاشكا ۋاقتىدا كەبىگە قايتتى ۋە ھەجنىڭ پەرز تاۋىپىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن ئېھرامدىكى ۋاقىتتا ھارام بولغان پۈتۈن ئىشلارنى ھالال قىلدى. سەھابە كىراملاردىن ھەج ئۈچۈن ھەدىيە ھەيدەپ كەلگەن كىشىلەر رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش قىلدى