بۇ ھەدىس ئىككى رىۋايەت ئارقىلىق كەلگەن، كۈچلۈك كۆز قاراشلاردا بۇ ئىككىسى ئىككى ۋەقەلىك بولۇپ، بىرىنچىسى: بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ، ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، بىر ئايلىق قازا روزىسىنى تۇتالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش ھۆكمىنى سورىغان. ئىككىنچىسى: بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىلىپ ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغانلىقىنى(نەزىز قىلىش يەنى ئىبادەت ئىشلىرىدىن بىرنى قىلىشنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىشتۇر) ئۇ روزىنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا تۇتۇشىنىڭ ھۆكمىنى سورىدى. رەسۇلۇللاھ ھەر ئىككى كىشىگە روزىنى تۇتۇشقا پەتىۋا بەردى. ئاندىن ئۇلارغا مىسال ئېلىپ چۈشەندۈردى، ئەگەردە ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئۈستىدە قەرز بولسا ئۇنى ئىگىسىگە تولەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار شۇنداق قەرزنى قايتۇرىمىز دېدى. رەسۇلۇللاھ: خۇددى ئىنسانلارنىڭ قەرزى قايتۇرۇلغاندەك ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش لازىم، دەپ جاۋاب بەردى