ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن بىر بەندىنى مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلسا، ئۇ كىشى ئۇ يۇرت ئەھلىدىن بولمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ زېمىندا بىر ئېھتىياجىنى قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن شۇ يەرگە بارىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى شۇ يەردە ۋاپات تاپقۇزىدۇ. ئاللاھ بەندىسىگە نېمىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇ ئىش ئاللاھ تەقدىر قىلغان بويىچە بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر