ئۇسەيد ئىبنى ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئاياللارنىڭ بىرىدىن رىۋايەت قىلىدۇ: ئۇ ئايال مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقا يېرتماسلىقىمىز، چاچنى يۇلماسلىقىمىز بارئىدى سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال ساھابىلار بەيئەت قىلغاندا بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا ۋەدە ئالاتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە: ئايال كىشىنىڭ مۇسىبەت يەتكەندە يۈزىنى تاتىلىماسلىق، ئۆزىنى كاچاتلىماسلىق، مەڭزىگە ئۇرماسلىق، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ چەكلەنگەن يىغا بىلەن يېغلىماسلىق، كىيىملىرىنى يېرىتماسلىق قاتارلىقلار بار ئىدى