ئۇسامە ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىلەر بىر يۇرۇتتا ۋابا كىسىلى تارالغانلىقىنى بىلسەڭلار، ئۇ يۇرۇتقا كىرمەڭلار، سىلەر ياشاۋاتقان يۇرۇتتا ۋابا تارقالغان بولسا، ئۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كەتمەڭلار سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان