كۇرسى دېگەن ئىككى پۇتنى قويۇدىغان ئورۇندۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا ئۆزىگە نىسبەت بەرگەن كۇرسى بولسا، ئاللاھنىڭ ئىككى پۇتىنى قويۇدىغان ئورنىدۇر. كۇرسى توغرىسىدا ئىبنى ئابباس بايان قىلغان بۇ مەنادىكى ئەسەر، ئەھلى سۈننەنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇر ۋە ئىلگىكىلەردىن ساقلىنىپ كەلگەن مەنادۇر. ئەمما ئۇنىڭدىن: كۇرسىنىڭ مەناسى ئىلىم، دەپ كەلگەن رىۋايەت بولسا، ئىلگىكىلەردىن ساقلىنىپ كەلمىگەن. شۇنىڭدەك، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: كۇرسى دېگەن ئەرشىنىڭ ئۆزىدۇر، دېگەن گەپمۇ ئاجىز ۋە ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى سەھىھ بولمىغان گەپتۇر.«ئەرشىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم مۆلچەرلىيەلمەيدۇ» يەنى: ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۆزى لايىق رەۋىشتە قارار ئالغان ئەرش ناھايىتى كاتتا مەخلۇقتۇر، ئەمما ئۇنىڭ ھەجمىنىڭ مىقدارى ۋە ئۇنىڭ كەڭرىلىكىنى بولسا، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ