بۇ ھەدىستە خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدە قۇرەيش كاپىرلىرى تەرىپىدىن ئۇچرىغان ئەزىيەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا شىكايەت قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ سايىسىدە تونىنى بېشىغا قويۇپ ياتقان ئىكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە دىندا يەتكەن ئەزىيەتنىڭ بۇلارغا يەتكەن ئەزىيەتتىن زور ئىكەنلىكىنى، ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىغا قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخىنىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ زور ئەزىيەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىنى، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن (دىننى) مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا سەنئادىن ھەزەرە مەۋتقا سەپەر قىلغان يولوچىنىڭ ئاللاھتىن ۋە قويلىرىنى بۆرە يەپ كېتىشىدىن باشقا ھىچنىمىدىن قورىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئالدىرماسلىققا بۇيرۇپ: «سىلەر ئالدىراپ كىتىۋاتىسىلەر»، يەنى «سەۋىر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ قىيىنچىلىقنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ بۇ ئىشنى تولۇق پۈتتۈرىدۇ»، دېدى، ئاقىۋەتتە ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلغاندەك بولدى