ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: سىلىگە ئوھۇد كۈنىدىنمۇ ئېغىرراق كۈن كەلگەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دەپ، ئۇنىڭغا تائىپقا بارغانلىق ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەردى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە قۇرەيشنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا ئۇلار چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپ ئەھلىنى دىنغا دەۋەت قىلىپ ئاللاھنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تائىپقا چىقتى، لېكىن ئۇلار مەككە ئەھلىدىنمۇ بەكرەك نادان ئىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاش-چالمىلارنى ئېتىپ تاپىنىنى قانغا بويىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەقىف قەبىلىسىدىكى تائىپنىڭ چوڭلىرىدىن بولغان ئىبنى ئەبدۇ يالىيل ئىبنى ئابدۇ كىلالنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپتىن غەمكىن ھالەتتە خامۇش بولۇپ مېڭىۋىرىپ «قەرنى سەئالىب» دېگەن جايدا ئېسىگە كەلدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا بىر بۇلۇتتا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بار ئىدى، ئۇ: «بۇ تاغ پەرىشتىسى ساڭا سالام قىلىدۇ» دېدى، ئۇ پەرىشتە سالام قىلىپ: «ئاللاھ مىنى ساڭا ئەۋەتتى، ئەگەر سەن خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرۋىتەي» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇلايىم، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئېغىر بىسىق بولغانلىقى ئۈچۈن: «ياق، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلىدىغانلارنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى، چۈنكى ئىككى تاغ كۆمتۈرۈلسە ئۇلار ھالاك بولاتتى. بۇ ئىش يۈز بەردى، ئاللاھ تائالا ئاشۇ زور ئەزىيەتلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا ئازار يەتكۈزگەن مۇشرىكلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنى چىقاردى