ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەتلىرىدىن بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن، ئۇ بولسىمۇ؛ ئايىقىنى كېيىشتە، چېچىنى تاراشتا، تاھارەت ئېلىشتا، ۋە بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپتىن باشلايتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ئوخشىشىدىمۇ شۇنداق، كۆينەك، شىملارنى كېيىش، ئۇخلاش، يەپ-ئىچىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپتىن قىلىش ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى پال ئېلىش ۋە ئوڭ تەرەپنى سول تەرەپتىن ئەۋزەل بىلگەنلىك. ئەمما ناپاك، مەينەت نەرسىلەردە بولسا سول تەرەپتىن باشلاش ئەۋزەل، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوڭ قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ئەۋرىتىنى تۇتۇشتىن توستى. ئوڭ قولنى پاكىز نەرسىلەر ئۈچۈن، سول قولنى ناپاك نەرىسلەر ئۈچۈن ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن