بۇھەدىستە ھايۋاننىڭ يۈزىنى داغلاشتىن ۋە ئىنساننىڭ يۈزىگە ئۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنداق قىلغان كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى ئۆلىمالار بۇ چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن ھېسابلىدى. ئۆلىمالار يۈزگە ئۇرۇشتىن چەكلەنگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يۈز دېگەن گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن سەزگۇر ئەزا، يۈزنىڭ قۇرۇلمىلىرى بەك ئېسىل-سىلىق بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆپ نەرسىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ، يۈزگە ئۇرغان ۋاقىتتا يۈزنىڭ ئېسىللىكى يوقايدۇ، بەزى ۋاقىتتا يۈزدە ئەيىپ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. يۈزگە ئەيىپ پەيدا قىلىش ياخشى ئەمەس. چۈنكى يۈز ئاشكارا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يوشۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ، يۈزىگە ئۇرۇلغاندا كۆپ ۋاقىتلاردا ئەيىپتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ