پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غازات قىلماقچى بولسا ياكى جەڭگە ئاتلانسا: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىم ۋە ياردەمچىم، يالغۇز سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا بىر ئىشدىن يەنە بىر ئىشقا ئاتلىنىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى