ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولسۇن! ھالبۇكى سۈر چېلىشقا مەسئۇل پەرىشتە سۈرنى چېلىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئېلىپ تەييار ھالەتتە تۇرۇپ، سۈر چېلىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا» دېگەندە، بۇ ئەھۋال ساھابىلەرگە ئېغىر كەلگەندەك بولدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ئىگە!» دەڭلار دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولسۇن! ھالبۇكى سۈر چېلىشقا مەسئۇل پەرىشتە سۈرنى چېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ئاغزىغا ئېلىپ تەييار تۇرۇپ، سۈر چېلىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا» دېگەندە، بۇ گەپ ساھابىلەرگە قاتتىق ئېغىر كەلگەندەك تۇيۇلدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئاللاھ نېمەدېگەن ياخشى ئىگە» دەڭلار دېگەن.