رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىر ئادەم ئۆيىدىن چىققاندا «باسم الله، توكلت على الله، لا حول ولا قوة إلا بالله» دېسە پەرىشلەردىن بىرى ئۇنى چاقىرىپ: ئى ئابدۇللاھ ھەق يولغا ھىدايەت قىلىندىڭ! ھاجىتىڭ راۋا بولدى، دۈشمەنلىرىڭدىن ساقلاندىڭ، دەيدۇ. ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان شەيتان يىراقلىشىدۇ. بۇ شەيتانغا يەنە بىر شەيتان: ھىدايەت قىلىنغان، ھاجىتى راۋا بولغان، بارلىق شەيتان ۋە دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقىدىن ھىمايە قىلىنغان بىر ئادەمنى قانداقمۇ ئازدۇرالايسەن؟ چۈنكى ئۇ ئادەم بۇ سۆزلەرنى دېدى، سەن ئەمدى ئازدۇرالمايسەن، دەيدۇ، دېگەن