زەيد ئىبنى ھارىسەنىڭ چىرايى ئاق، ئوغلى ئۇسامە بۇغداي ئۆڭ ئىدى، كىشىلەر ئىككىسىنىڭ رەڭگى پەرقلىق بولغانلىقتىن ئۇسامىنىڭ دادىسىنىڭ پۈشتى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشاتتى. بىر كۈنى ئۇلار باشلىرىنى رىدا بىلەن يېپىپ، پۇتلىرى ئىچىلىپ قالغان ھالىتىدە ئىدى، مۇدلىجلىق قىياپەتچى مۇجەززىز ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، پۇتلاردىكى ئوخشاشلىقنى كۆرۈپ: بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپ،-دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ قىياپەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئابرويىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قالايمىقان بىلجىرلايدىغانلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىلگەنلىكتىن، ئۇسامىنىڭ دادىسىنىڭ پۈشتى ئىكەنلىكىگە كۆڭلى خاتىرجەم بولغانلىقتىن ئائىشەنىڭ يېنىغا چىرايىدىن خۇشاللىق نامايەن بولغان ھالدا كىردى