بۇ ھەدىستە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: بىر ئادەم ئايالىنى «زىنا قىلدى» دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئۇ ئايالدىن تۇغۇلغان بالىدىن تېنىپ، ئادا-جۇدا بولدى، ئايالى بۇنى قوبۇل قىلماي، ئېرىنىڭ سۆزىنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلار ئۆز-ئارا لەنەت قىلىشتى، ئالدى بىلەن ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئەيىپلىشىدە راسچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سۆزىگە تۆت قېتىم ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا ئۆزىگە لەنەت قىلدى، ئاندىن ئايالى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە تۆت قېتىم ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا ئۆزىگە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى تىلەپ دۇئا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەنەت ئېيتىش تۈگىگەندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىنى مەڭگۈلۈك ئايرىۋەتتى، بالىنى ئايالغا تەۋە، ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىپ، ئەردىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا مەنسۈپ بولمايدىغان قىلىپ ھۆكۈم قىلدى