بۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى يۈز دەررە ئۇرۇپ، ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا تولۇق بىر يىل سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھەدىس، سۈرگۈن قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن تەتبىقلانغانلىقى ئۈچۈن زىنا جازاسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن