پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە تۇرغاندا، مائىز ئىبنى مالىك ئەلئەسلەمى كېلىپ ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن قايتىپ بۇ ئىشنى ئاللاھ تائالا بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىدا قويۇپ تەۋبە قىلىشىنى ئويلاپ، ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاچچىقى كەلگەن ۋە ئۇنى جازالاش ئارقىلىق پاكلاشقا بەل باغلاپ كەلگەچكە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يەنە يۈز ئۆرۈۋالدى. ھەتتاكى ئۇ ئادەم ئۆزىگە ئۆزى تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سەندە ساراڭلىق بارمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ، ياق، دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ ئەقلى - ھوشى جايىدىمۇ؟ دەپ سوراپتى، ئۇلار ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ئېيتىشىپ ماختاشتى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭدىن توي قىلغانمۇ؟ ياكى قىلمىغانمۇ؟ دەپ سورىدى، چۈنكى توي قىلمىغان بولسا چالما - كېسەك جازاسى بېرىلمەيتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ئىيتتى. ۋە ئۇ بەلكى سىلاپ قويغان ياكى سۆيۈپ قويغاندەك ئىشنى قىلىپ بۇ جازانى ۋاجىپ قىلىدىغان چوڭ ئىشنى قىلمىغان بولىشى مۇمكىن دەپ سورىسا، ئۇ ھەقىقى زىنا قىلغانلىقىنى ئوچۇق دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلىغان ۋە ئۇنىڭغا بۇ جازانى يۈرگۈزۈش ۋاجىپلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئۇنى ئاپىرىپ چالما- كېسەك قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار ئۇنى جىنازا نامىزى ئوقۇيدىغان (بەقىئۇلغەرقەد) كە ئېلىپ چىقتى ۋە چالما - كېسەك قىلدى، ئۇ تاشنىڭ قاتتىق قىزىتقىنىنى ھېس قىلغاندا قۇتۇلۇشنى كۆزلەپ، ئۆلۈمدىن قىچىشنى ئويلىدى، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئۇنداق ئىشنى كۆتۈرەلمەيتتى ۋە قاچتى. ئۇلار ئۇنى ھەررە دېگەن جايدا تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنى جاراھەتلەندۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن