روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت كۈنىلىرى پەزىلەتلىك كۈنلەردىن، ئۇنىڭدا ئىسلام بەلگىلىرى نامايەن بولىدۇ، نامازغا يېغىلىش ۋە ئۇنىڭدا سەپ-سەپ بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلاردىكى قېرنداشلىق گۈزەل بىر تۈس ئالىدۇ. ھەر يۇرۇت كىشىلىرى بىرلىك ۋە ئىتىپاقلىق، دوستانىلىقنى بىر مەيدانغا يېغىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئىسلام غەلبىسى ۋە ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، نامازلارنى تۇرغۇزۇش، شەرىئەت بەلگىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن يىغىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللارنى نامازغا چىقىشقا بۇيرىغان، ھەتتا ئۇلاردىن ھەيىزدار بولسۇن، توي قىلىش ئالدىدىكى ئۆيدىن چىقمايدىغان قىزلار بولسۇن چىقىشقا بۇيرىدى، ئەمما ھەيىزدارلار ناماز ئوقۇلىدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىلدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىغا قاتنىشىپ ئاشۇ كۈننىڭ بەركىتىگە ۋە ساۋابىغا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مۇكاپاتى يېقىن بولىدۇ. ئىككى ھېيىت نامىزى پەرز كۇپايىدۇر