جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر غازاتتا بىللە ئېدى، جابىر مىنگەن تۆگە ئۇرۇقلىقىدىن ئەسكەرلەر بىلەن بىرگە مېڭىشتىن ھېرىپ قالدى، ھەتتا ئۇنىڭ پايدىسى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قويۇۋېتىشنى ئويلىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئۈممىتىگە بولغان مېھرى - شەپقىتىدىن ئەسكەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، ماغدۇرى قالمىغان ئاجىزلار ۋە ئۇزۇق - تۈلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ بېشىنى سىلايتتى. جابىر ئاشۇ ئۇرۇق - كۈچىدىن قالغان تۆگىسىگە مېنىپ كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشتى ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ بىرنى ئۇرۇپ قويۇۋىدى، ئۇنىڭ قىممەتلىك ۋە رەھىمدىل ئۇرۇپ قويۇشى ئاشۇ جانسىز تۆگىگە كۇچ - قۇۋۋەت بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېچقاچان مېڭىپ باقمىغان تېزلىكتە مېڭىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە مېھرىبانلىقىدىن، جابىرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قويۇش ۋە ئۇنىڭغا بۇ سەپەرنى يەڭگىللىتىدىغانغا گەپلىشىپ مېڭىشنى ئويلاپ، ئۇنى ماڭا بىر ئۇقىيەگە ساتقىن! دېدى. جابىر ئاللاھنىڭ پەزلى كەرەمىدىن تاما قىلدى، بۇ ئىشنىڭ ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەتتا ئۇنى ساتمىسا ئۇنىڭ دىنى كاملاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدى، چۈنكى بۇ بۇيرۇق كەسكىن ئەمەستى. شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايتا سورىدى، ئاندىن ئۇ تۆگىنى رەسۇلۇللاھقا بىر ئۇقىيەگە ساتتى، ئەمما ئۇنى مەدىنىدىكى ئائىلىسىگە قايتىۋالغۇچە مىنىۋېلىشنى شەرت قىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار يىتىپ كەلگەندە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا تۆگىنى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۇلنى بەردى. ئۇ قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنى قايتا چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى، ئۇ قايتىپ كېلىۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئېيتتىكى: مېنى سېنىڭ تۆگەڭنى ئىلىۋىلىشقا تاما قىلىپ سودا قىلدى، دەپ ئويلامسەن؟ ما تۆگەڭنى ۋە پۇلۇڭنى ئالغىن! بۇ سېنىڭكى بولسۇن دېدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىللىكى، ئالاھىدە ئەخلاقى ۋە مېھرىبانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ كۆپلىگەن ئېسىل پەزىلەتلىرى مەۋجۇتتۇر