ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: بىرىڭلارنىڭ ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسا ئۇنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسمىسۇن، مەسچىتتكى جامائەت ساۋابىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن، دېگەن. بۇ ھەدىستە ئاياللارنىڭ نامازنى مەسچىتتە ئوقۇشى دۇرۇس ئىكەنلىكى چىقىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىلىرىدىن بىرى بۇ ھەدىس بايان قىلىنغان سورۇندا بار بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدىكىن ھازىرقى زاماندىكى ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى توسۇش كېرەك دەپ قارىغان ئىدى، شەرىئەتكە ئىتراز بىلدۈرۈش نوقتىسىدىن ئەمەس بەلكى ئاياللارغا بولغان كۈندەشلىك ئۇنى «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇلارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز» دېيىشكە ئېلىپ باردى، دادىسى ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالمنىڭ ھەدىسىگە قارشى تۇرغانلىق دەپ چۈشەندى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى قوغداش ئۈچۈن بالىسىنى ئېغىر تىللار بىلەن تىللىدى ۋە مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى دېسەم، سەن يەنە توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى