زاكات بايلاردىن كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش ھىسابلنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل-مېلى ئاز بولۇپ باي سانالمايدىغان كىشىدىن زاكات ئېلىنمايدۇ. شەرئەت نازىل قىلغۇچى زاكات بەرگۈچىنىڭ ئىقتىسادىغا تۆۋەن چەك بەلگىلەپ بەردى. بۇنىڭدىن ئاز ئىقتىسادى بار كىشىگە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ، ئۇ كەمبەغەل ھىسابلىنىدۇ. كۆمۈش ساقلىغان كىشى 595 گىرامدىن تۆۋەن كۆمۈشكە ئىگە بولسا ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ تاكى 595 گىرامدىن ئاشمىغۇچە. چارۋا باققۇچىنىڭ مېلى 5 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولمىغۇچە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ. مىۋە، ئاشلىقتىن ھوسۇل ئالغۇچىنىڭ ھوسۇلى بەش ۋەسەققە يەتمىسە « بىر ۋەسەق 122.5 كىلو گىرام، ئومۇمىسى 612،5 كىلو گىرام» ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ ھەتتاكى ئۇنىڭ ھوسۇلى 612 كىلوگىرام ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقۇچىلىك.