ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ قورغانلىرىدىن بىر قورغاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟»دېدى، ساھابىلار: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى خۇددى يامغۇر تامچىسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرۈۋاتىمەن»دېدى» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنە سىپىللىرىدىن بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى، خۇددى شاقىراپ ياققان يامغۇر چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرۈۋاتىمەن»دېدى. بۇ ھەدىس ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ھەررە ۋەقەلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەدىنىدە يۈز بەرگەن پىتنە-ئۇرۇشلارغا ئىشارەتتۇر