پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «غەررا» دەپ ئاتىلىدىغان، تۆت ئەر كۆتىرىدىغان بىر قاچىسى بار ئىدى. بىر كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا، كۆپچىلىك چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ قاچىدا نان چىلانغان شورپا كەلتۈرۈلدى. ساھابىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن رەسۇلۇللاھ قېرىنداشلىرىغا ئورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. سورۇندىكى بىر ئەئرابى رەسۇلۇللانىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئولتۇرىشىنى كۆرۈپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نېمىشقا بۇنداق ئولتۇردىلا؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى» دېدى. رەسۇلۇللاھ چوڭچى، ھاكاۋۇر ئەمەس ئىدى. ئاندىن يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: ئۈستىنى قويۇپ، ئەتراپىدىن يەڭلار، ئۈستىگە بەرىكەت بېرىلىدۇ، دەپ، ئەتراپىدىن يەپ، ئۈستىنى قويۇپ تۇرۇشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنىڭ تائامدىكى بەرىكەتنىڭ سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى