بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، كەمتەرلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئايايدىغانلىقى، ھەدىيە قىلنغان نەرسە ئاددى بولسىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، بىرەر كىشىنىڭ ئاز ۋە ئاددى نەرسىلەر ئۈچۈن ئۆيىگە زىياپەتكە چاقىرغانلىقىنى بىلسىمۇ رەت قىلمايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن، چۈنكى چاقىرغان يەرگە بېرىش، ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىشتىكى مەقسەت تەكلىپ قىلغۇچى بىلەن يىقىنلىشىپ، دوسلۇقنى كۈچەيتىش، گەرچە ئاز كۆرمىسىمۇ، ھەدىيەنى رەت قىلىپ، چاقىرغان يەرگە بارمىغاندا نەپرەتلىنىپ، ئاداۋەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ھەدىستە ئاددى نەرسە بىلەن قىممەتلىك نەرسىنى بىرلەشتۈرۈپ پاچاق بىلەن قول گۆش ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى، چۈنكى رەسۇلۇللاھ باشقا گۆشلەرگە قارىغاندا قول گۆشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى، پاچاق بولسا ئۇنچە قىممەتلىك نەرسە ئەمەس