ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر ئەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بېرىپ: ئەلەيكەسسالام ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! -دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئەرنى بۇ سۈپەت بىلەن سالام بېرىشتىن توستى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىل سالامنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە جاۋاپ قايتۇرماي، بۇ سالامنىڭ ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، ئاندىن يەنە بىر ھەدىستە كەلگەندىكىدەك ئىسلامدا يولغا قويۇلغان سالامنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ساڭا سالامەتلىك يار بولسۇن دېگىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرنىڭ سالامى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: بۇ سالام قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا قىلىنىدىغان سالام، چۈنكى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆمىنلەر قەۋمىنىڭ دىيارى...» دېگەنلىكى ئىسپاتلاندى، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئۆلۈكلەرنى ھۆرمەتلەپ قىلىدىغان ئادىتىگە ئىشارەت قىلىپ دېگەن ئىدى