رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىستە بىزگە شۇنى بايان قىلىپ بىرىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ بىر بەندىسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشىنىڭ ئالامىتى شۇكى ئۇنىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادىلا بىرىش، ئۇ كىشى ئاخىرەتكە بېرىشتىن ئىلگىرىلا گۇناھلىرىدىن پاك بولاپ كېتىدۇ، چۈنكى دۇنيادا تارتقان جازاسى قىيامەتتە كۈنى ھېسابنى يىنىكلىتىدۇ. بىر بەندىگە يامانلىقنى خالىسا دۇنيادا ئۇنى جازالىماي ئاخىرەتكە قالدۇرىدۇ، ئۇ كۈندە گۇناھلىرى توپلانغان ھالەتتە كېلىدۇ-دە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساپ ئالىدۇ