بەنى مەخزۇم ئايمىقىدىن بىر ئايال كشىلەردىن بىر نەرسە ئارىيەتكە ئېلىپ ئۇنىڭغا تېنىۋالاتتى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئايالدىن ئۈنچە-مەرۋايىت ئارىيەت ئېلىپ ئۇنىڭغا تېنىۋالغان، كېيىن تەكشۈرگەندە يېنىدىن چىققان. بۇ ئىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە بۇ ئايالنىڭ قولىنى كېسىش توغرۇلۇق ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىنى يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىدى. بۇ ئايال قۇرەيش قەبىلىسىدىكى يۈز-ئابرۇيلۇق جەمەتتىن ئىدى، قۇرەيش قەبىلىسى بۇ ئايالغا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ ھۆكۈمگە باش قاتۇردى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئايالنى ئەپۇ قىلش توغۇرلۇق بىرىنى ۋاستە قىلىپ ئەۋەتىشنى مەسلەھەتلەشتى، بۇ ئىشقا ئۇسامە ئىبنى زەيدتىن باشقىسىنى لايىق كۆرمىدى، چۈنكى ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان يېقىنى ئىدى. ئۇسامە بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھقا سۆز ئاچقاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ۋە ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: سەن ئاللاھنىڭ بېكىتكەن جازا قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئارا تۇرماقچىمۇ؟ دېدى. ئاندىن تۇرۇپ كىشىلەرگە خىتاب قىلدى، ئاللاھنىڭ بېكىتكەن جازا قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئارا تۇرۇشنىڭ خەتەرلىكىنى، بۇ ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئىلگىركى ئۈممەتلەرنىڭ دىن ۋە دۇنيالىقتا ھالاك بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئىش ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجىز، كەمبەغەللەر جىنايەت ئۆتكۈزسە جازا يۈرگۈزەتتى، باي ۋە نۇپۇزلۇق كىشىلەر جىنايەت قىلسا جازا يۈرگۈزمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە قالايمىقانچىلىق، جىنايەت ۋە پارخورلۇق يامراپ كەتكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە جازاسىغا ئۇچرىغان. ئاندىن راست سۆزلۈگۈچى ۋە راست سۆز ئېلىپ كىلىنگۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەسەم قىلىپ ئەگەردە بۇ ئىش دۇنيا ئاياللىرىنىڭ تاجى ۋە كۆزى بولغان قىزى پاتىمەدىن يۈز بەرسە ئىدى «ئاللاھ تائالا ساقلىسۇن» رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رەسۇلۇللاھقا ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى بولسۇن