سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە ئۈستىگە چاسا يىپىنچا يىپىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۇنى بىر ئوغرى تۇيدۇرماستىن ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتتى، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئوغرۇلۇق جازاسىغا تارتىلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلدى، سەفۋان ئۇ كىشىگە ئىچ ئاغرىتقان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: قىممىتى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر يىپىنچا سەۋەبلىك ئۇنىڭ قولىنى كېسەملا؟، مەن ئۇنى ئۇ كىشىگە ساتقان بولاي، پۇلىنى ھالى ياخشىلانغۇچە كېچىكتۈرۈپ ئالاي،- دېدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى ماڭا يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇن ئەپۇ قىلساڭ بولمامتى؟، چۈنكى جىنايەتلەر قازىنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ،- دېدى