ھەدىسنىڭ مەنىسى: شېھىتلىك مەرتىۋىسى قەرزدىن باشقا چوڭ-كېچىك ھەممە گۇناھنى ئۆچۈرىدۇ، قەرزنى ئۆچۈرمەيدۇ، ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىنىڭ بولۇپمۇ مالغا ئالاقىدار ھەقنىڭ كاتتا بولغانلىقىدىندۇر، چۈنكى مال ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئەزىز، قەرىزگە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولغان ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، خىيانەت قاتارلىق نەرسىلەر قېتىلىدۇ، ھەقىقەتەن جىھاد، شېھىتلىك ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ