بۇ ھەدىس يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، جامائەتنىڭ ھەر جەھەتتىن پايدىسى كۆپ بولغانلىقتىن يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بولىدۇ، مۇسۇلمانلار ئارا مەنپەئەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە نامازدىن كۆزلەنگەن مەقسەتنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتىن ئىككى ئىش ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرىق بار. بۇ ساۋابنى قولدىن كەتكۈزگەن كىشى نۇرغۇن ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ