پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ قالغان كىچىك بالىسىنىڭ قەبرىسى بېشىدىكى بىر ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئايال بالىسىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۆزىنى تۇتالماي بالىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا يىغلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرگەندە ئاللاھدىن قورقۇشقا ۋە سەۋر قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ: مەندىن يىراق بولۇڭ، سىزگە ماڭا ئوخشاش مۇسىبەت كەلمىدى،- دېدى، كېيىن ئايالغا: ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى،- دېيىلگەندە، ئۇ پۇشايمان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئىشىكنىڭ يېنىدا كىشىلەرنى ئۆيگە كېرىشتىن توسىدىغان ئىشىك باقارلارمۇ يوق ئىدى، ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى ئېيتىپ: مەن سىلىنى تونۇماپتىمەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئىنسان ساۋاپقا ئېرىشىدىغان سەۋىرچانلىق مۇسىبەتنىڭ بېشىدا قىلغان سەۋرىسىدۇر» دېدى