ساھابىلەردىن بىرى رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلىپ ئەرەپاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشتى ۋە بوينى سۇنۇپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلەرنى ئادەتتىكى مېيىتنى يۇغاندەك سۇ ۋە سىدىر بىلەن ئۇنى يۇيۇشقا ، ئىھرام باغلىغان ئىككى رەخ بىلەن كىپەنلەشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى ھەجگە ئىھرام باغلىغانلىقتىن ئىبادەت قىلغان شۇ ھالىتى بىلەن قېلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خۇش پۇراق ئىشلىتىشتىن ۋە بېشىنى يېپىپ قويۇشتىن توستى. ئۇلارغا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ كىشى قانداق ئۆلگەن بولسا شۇ ھالىتىدە تىرىلىدۇ، يەنى ھەجنىڭ شۇئارى بولغان تەلبىيە ئېيتقان ھالدا قەبرىسىدىن تۇرىدۇ، دېدى