مېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا مېۋە سېتىشتا سېتىۋالغۇچىغا پايدا يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىنى مېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى سودا قىلىشتىن چەكلىدى، خورمىنىڭ پىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى غورىسىنىڭ قىزارغانلىقى ياكى سارغايغانلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن شەرىئەتنى ئەپكەلگۈچى بۇنداق ھالەتتە سودا قىلىشىشدىن چەكلىگەنلىكنىڭ ئىللىتىنى بايان قىلىپ: «ئەي ساتقۇچى!، ئەگەر مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياكى بەزىسىگە ئاپەت كەلسە، سېتىۋالغان قېرىندىشىڭنىڭ پۇلى ساڭا قانداق ھالال بولىدۇ؟، ئۇ مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسە يوق تۇرۇپ ئۇنىڭ پۇلىنى قانداق ئالىسەن؟» دېدى