قىيىن ئىشلاردا ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىش ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئادىتى ئىدى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، بۇلارغا نىسبەتەن ئىبنى ئابباسنىڭ يېشى كىچىك ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: نىمە ئۈچۈن ئابباسنىڭ ئوغلىنى ئەكىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوغلىنى ئەكىرمەيدۇ؟ دەپ نارازى قىلدى. ئۆمەر ئۇلارغا ئىبنى ئابباسنىڭ ئىلمى ساپاسىنى، زىرەك ۋە چېچەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇپ، ئۇلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگۈنۈڭدە رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېگەن سۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلاردىن: بۇ سۈرە توغرۇلۇق نىمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى سۈكۈت قىلدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا گۇناھلىرىمىزغا ئىستىغفار ئېيتىشقا، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى. لىكىن ئۆمەر ئۇلاردىن بۇ ئايەتنىڭ يۈزەكى سۆز مەنىسىنى ئەمەس بەلكى مەقسىدىنى سورىغان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى ئابباستىن: سەن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىگە نېمە دەپ قارايسەن؟ دەپ سورىدى، ئىبنى ئابباس: ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئەجىلى يەنى: ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارايمەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگىنى، يەنى: مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، ئۇ پەتھى ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتى، «رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر». ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى نامايەن بولدى