ئەسەرنىڭ مەنىسى: ئەگەر ئەر ئايالىغا: سەن ماڭا ھارام دېسە، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزنى قىلسا، بۇ تالاق بىلەن ھارام قىلىنغانغا ئوخشاش ئەمەس، ئېنىقكى، بۇ سۆز قەسەم بولۇپ، ئۇنىڭدا قەسەمنىڭ كەپپارىتى بار، ئاللاھ تائالا دېگەندەك: {ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئاللاھ سىلەرگە (كەپپارەت) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى} [تەھرىم سۈرىسى 1-2 - ئايەت]، يەنى مائىدە سۈرىسىدە تىلغا ئالغاندەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قەسەمدىن چىقىشىڭلار ئۈچۈن كەپپارەت ئادا قىلىشنى يولغا قويدى.